مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ھەر قايسى تارماقلاردا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى 31-ئىيۇل ھەر قايسى تارماقلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ 31-ئىيۇل مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىدە لېكسىيە دوكلاتى بەردى. شى تەيفېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن «قارارى» نى چۆرىدەپ ئومۇميۈزلۈك لېكسىيە سۆزلەپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىرلىك سەپ ئەزالىرىنى ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قەتئىي ھىمايىچىلىرى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې 31-ئىيۇل تەشكىلات سىستېمىسىغا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. لى گەنجيې باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «قارار»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش توغرىسىدا سىستېمىلىق، چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي 31-ئىيۇل مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىدە لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى؛ «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۈشەندۈردى؛ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ 31-ئىيۇل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار