ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىللىق جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى چېڭدۇدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-29 10:35

  2024-يىللىق جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى چېڭدۇدا ئېچىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بوشلۇقىدا ئاساسىي مېلودىيەنى يەنىمۇ ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش؛ تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىجابىي، ساغلام تور مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا، «دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تور مەدەنىيلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى سىچۈەن ئۆلكىلىك كومىتېتى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىللىق جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى چېڭدۇدا ئېچىلدى

يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،