ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 14:34
2024-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تاراتقۇلار تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋاسىتە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەپ، ئەمەلىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى، دۇنياغا قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىش كېرەك. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تاراتقۇلارغا بولغان خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇچۇر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاراتقۇلارغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تاراتقۇلار ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى بىرلىكتە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچى ۋە دەۋر قىممىتىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى خەلق گېزىتى ئىدارىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى سىچۈەن ئۆلكىلىك كومىتېتى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن، «تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. مۇنبەردە «‹بىر بەلباغ، بىر يول› تاراتقۇلار ھەمكارلىقى چېڭدۇ تەشەببۇسى» ئېلان قىلىندى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى

2024-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى