گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈجو: دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-31 11:06
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە كىرگۈزۈلدى. يېڭى مۇساپىدە قانداق قىلغاندا ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ؟ مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈجو مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشى، ئىلگىرىلەش رىتىمى ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جاڭ يۈجو مۇنۇلارنى بىلدۈردى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىسلاھات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مۇقىم ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
جاڭ يۈجو مۇنداق دېدى: دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى نىشان. بىز «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ھەم قەتئىي تەۋرەنمەي زورايتىپ، ھەم ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، كۈچەيتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، يادرولۇق ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ يېڭى مۇساپىدە دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا تۈپ تەلەپ.
جاڭ يۈجو مۇنداق دېدى: بىز يادرولۇق ئىقتىدارنى كۈچەيتىشنىڭ مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىك قارىشىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ، تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىمىز؛ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش دېگەنلىك بازار رىقابىتى تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، پەن-تېخنىكا، ئۈنۈم، ئىختىساسلىقلار، داڭلىق ماركا قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئامىللارغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، كارخانىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
ئومۇمىي يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قوللاشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. جاڭ يۈجو: دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، دېدى.
جاڭ يۈجو مۇنداق دېدى: بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەت ئىگىلىكىنى ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەش، كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، «ئۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش» نى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، يەنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئاممىۋى پاراۋانلىقى ساھەسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قوۋۋەتنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى تەقسىملەش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى