2023-يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى كۆرسەتكۈچى %19.5 ئاشتى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2023-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %19.5 ئاشتى. بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقانلىقى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى بىر قەدەر تېز كۆپەيدى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار سىجىل كۆپەيدى، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشتى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2023-يىلى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچ كۆرسەتكۈچى 114.5 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %14.5 ئاشقان. پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى 32 مىليون 730 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.6 ئاشقان، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 463 مىڭغا يەتكەن.
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى تېخىمۇ نامايان بولدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى، زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2023-يىلى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كۆرسەتكۈچى 122.3 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %22.3 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى سېلىنمىسى 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان.
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىپ قوللىنىش داۋاملىق كۈچەيتىلدى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ۋەكىللىكىدىكى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلدى، دالا مەنزىرىسى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تاۋارلارنىڭ توردىكى ئىستېمال ئېھتىياجى ئاشتى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، رەقەملىك كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئۇچۇر تۈرىدىكى مۇلازىمەت ئىستېمالى داۋاملىق تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى. ئىستېمال ساھەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى ياخشى ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى مۇقىم ئاشتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قوزغىتىلدى، بۇ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىگە ئايلاندى. 2023-يىلى، مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 15 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11 ئاشتى.
سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى قوللاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. «بىر زەنجىرگە بىر تەدبىر» يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بىخەتەر ۋە مۇقىم قىلىنىپ، كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇشى، زور تېخنىكىلىق جابدۇقلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2023-يىلى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كۆرسەتكۈچى 116.3 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %16.3 ئاشقان.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا