بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىندى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئۈستىدە ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈنكى«نوپۇزلۇق سۆھبەت» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزدە ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو ۋېن بىلەن بولغان مەخسۇس زىيارىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
«قارار» دا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك قاتارلىق مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لو ۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ چوڭ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.
لو ۋېن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئادىللىقنى قوغداپ، «ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش نىزامى» نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى مەنبەدىن تۈزەش ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي تىرىكى. «قارار»دا بازارنىڭ ئاساسىي تۈزۈم قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئادىل بىرلىككە كەلتۈرۈش، بازار ئەسلىھەلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.لو ۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن تۈزۈم، قائىدىلەر مۇكەممەل بولماسلىق، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازارنى ئايرىش قاتارلىق قىسمەن مەسىلىلەرگە يەنىلا دۇچ كەلدۇق، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىز بازىرىنىڭ چوڭلۇقتىن كۈچلۈكلۈككە ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
لو ۋېن مۇنداق دېدى: ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان سىياسەت تەدبىرلەرنى ئېنىقلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامۇۋاپىق بازار رىقابىتى ۋە بازارغا ئارىلىشىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز.
«قارار» دا بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لو ۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.
لو ۋېن مۇنداق دېدى: ئىناۋەت ۋەدىسى، ئىناۋەتنى باھالاش، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىر، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ئىناۋەت نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا