«ئافرىقىلىق ھەمراھلار» ناملىق تاراتقۇلار ھەرىكىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مەدەنىيلىك سىمفونىيەسى، رەقەملىك ئارزۇ-«ئافرىقىلىق ھەمراھلار» ناملىق تاراتقۇلار ھەرىكىتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋىدىيو ئارقىلىق جۇڭگو-ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 2024-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى پات ئارىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدۇ.
پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: تاراتقۇ مەدەنىيلىكتە ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ئالدىدا، جۇڭگو-ئافرىقا تاراتقۇلىرى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ئوبيېكتىپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان دۇنياۋى ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان، بۇنىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك دەۋردىكى مەدەنىيلىكتە ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا