ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 4-كۈنى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 13 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-02 16:31

 پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 4-كۈنىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 13 ئالتۇن مېدال، 12 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشتى.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ تىكتاك توپ جۈپ ئويناش بويىچە 14 دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو گۇرۇپپىسىدىكى لياۋ كېلى بىلەن يەن شو چېمپىيون بولدى.
ئارىلاشما جۈپ ئويناش مۇسابىقىسىنىڭ 7 دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو گۇرۇپپىسىدىكى فېڭ پەنفېڭ بىلەن جۇ يىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
ئاياللارنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا دىسكا ئېتىش F64 دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى ياڭ يۆ 42 مېتىر 39 سانتىمېتىرلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا، ياۋ جۈەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
شى يىتىڭ ئاياللارنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش T36 دەرىجىلىكلەر تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش SB6 دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياڭ خۇڭ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
چۈ زىمو، مەي جيەنپېڭ ئۇدا چېمپىيون بولۇپ، پەي توپ ئەرلەر جۈپ ئويناش تۈرىدە WH1-WH2 دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
ھازىر جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 33 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 11 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانىدا داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا







中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 4-كۈنى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 13 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 4-كۈنىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 13 ئالتۇن مېدال، 12 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشتى.