خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» يۈرۈشلۈك تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە 60 ياش ۋە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 297 مىليونغا يەتتى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لۇ جىيۈەن مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى يېتىشتۈرۈلۈپ ۋە ياخشى قۇرۇلۇپ، تاماق، يۇيۇنۇش، تازىلىق، يول يۈرۈش، داۋالىنىش، جىددىي ئىشلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنى مۇستەھكەملىنىدۇ؛ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئائىلە، مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش ياردەم تامىقى، كۈتۈنۈش مەھەللىسى قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈم-قائىدىلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، بىز كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تۈرى، تەرتىپى، باھاسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
2024-يىلى مەركەز مالىيەسى ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، 300 مىليون يۈەن يېتەكلەش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، بەزى جايلاردا 15 مىنۇتلۇق غىزالىنىش مۇلازىمەت چەمبىرىكى شەكىللەندى. جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتى+غىزالىنىش، مەھەللە ئاشخانىسى+ياشانغانلار تاماق ئۈستىلى قاتارلىق تاماق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى تاڭ چېڭپېي مۇنداق دېدى: ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىش ئېھتىياجىغا نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ كەسىپلەشكەن، زەنجىرسىمان، كۆلەملەشكەن بىر تۈركۈم تاماق ياردەم ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
نۆۋەتتە، ئېلىمىز قاتلام، تۈرلەرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن قاتلام بويىچە باشقۇرۇشتەك پەلەمپەيسىمان قۇتقۇزۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. لۇ جىيۈەن مۇنداق دېدى: داۋالاش، مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس قۇتقۇزۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇشتىكى تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، يۆلەشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش؛ مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش بىلەن خەير-ساخاۋەت ياردىمىنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
بۇ يىل «كۆچمە نوپۇستىكى بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، قوغداشنى كۈچەيتىش ھەرىكەت لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، كۆچمە نوپۇستىكى بالىلار قاتارلىق ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، كۈندىلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش قاتارلىق كاپالەت مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، خەلق ئىشلىرى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت