ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جياڭسۇ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-24 17:23

  جياڭسۇ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلار لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرگە، ئاممىغا ئايرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىۋى ھەمتۈرتكە شەكلىدە تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە كۈچ چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توردا لېكسىيە سۆزلەش سۇپىسى «جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەزەرىيە تەشۋىقاتى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى» غا تايىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى چۆرىدەپ، لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرى جۇڭلۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈەنچىڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئېشىشىنى ئاچقۇچ قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

  خۇبېي ئۆلكىسى ماركسىزملىق ئالىملار تەشۋىقات ئەترىتى، «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى» تەشۋىقات ئۆمىكى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، يەرلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. خۇبېي ئۆلكىسى جيەنلى شەھىرى خۇنەن-خۇبېي غەربىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى خاتىرە سارىيىنىڭ خىزمەتچىسى گو شەن مۇنداق دېدى: 2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان يېزا-كەنت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىز قىزىل مەدەنىيەتنى قوغداش، تەتقىق قىلىش، تەربىيەلەش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاتىرە سارىيىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ ساياھەتچىلەر توپىغا يەتكۈزىمىز.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، بازار، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك تەشۋىقات لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلىدى. گۇاڭجۇ نەنشا «چۇاڭشياڭۋەن» شياڭگاڭ-ئاۋمېن ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدا، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق چياۋمىن ياشلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاۋمېنلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياش تەن پېيشى مۇنداق دېدى: بۈگۈن پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدىكى لېكسىيەنى ئاڭلاپ، گۇاڭجۇ، نەنشانىڭ ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق، بۇ بىزگە ناھايىتى كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمىز.

  گۇاڭشىدا لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دوكلات يىغىنى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ ياشلار توپى بىلەن يۈز تۇرانە، جانلىق سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى، 100 گە يېقىن پارتكوم لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئالىي مەكتەپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزىي پونكىتى قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئوبيېكتلاشتۇرۇش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى. گۇاڭشى فاڭچېڭگاڭ شەھىرى پورت رايونى شاتەنجياڭ كوچىسى دۇڭخەيۋەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەن ياڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا پۇختا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جياڭسۇ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

جياڭسۇ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلار لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرگە، ئاممىغا ئايرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزدى.