ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك تىزلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-24 17:28

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز ۋە يەرلىك ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تىرەك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتى تەدرىجىي كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ھەمدە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەنمەكتە. 8-ئايدا پارچە سېتىلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 1 مىليون 27 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %17 ئاشتى. جايلارنىڭ بىنالارنىڭ كونا لىفىتى، مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاشنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئالدىنقى 8 ئايدا شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېلېكتىر، پار، يېقىلغۇ گاز ۋە سۇ ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %23.5 ئاشتى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك تىزلەشتى

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز ۋە يەرلىك ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ