ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-25 09:53

  *3-نۆۋەتلىك ئاسىيا خەلقئارا سۇ ھەپتىلىكى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى. يىغىندا «بېيجىڭ خىتابنامىسى--3-نۆۋەتلىك ئاسىيا خەلقئارا سۇ ھەپتىلىكى ئاسىيا سۇ باياناتى» ئىمزالاندى. پائالىيەتتە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن سۇ مەسىلىسىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە بىلىمدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، ئاسىيا ۋە يەر شارىنىڭ كەلگۈسى سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى.

  *ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە جايلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېسىل بۇيۇملار كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىكى 1000 مەيدانغا يېقىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. يېقىنقى مەزگىلدە، 2024 «يېزا-كەنت ئىجادىي تۇرمۇش پەسلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەت نۇقتىلىق لىنىيەسى ۋە 14 ئۆزگىچە ئېكولوگىيە ساياھەت لىنىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.

  *خەلق دېڭىز ئارمىيەسى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە شېنجېن، جەنجياڭ، چىڭداۋ قاتارلىق جايلاردا پاراخوتلارنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئامما پاراخوتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بىلەن يۈز-تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك ئاسىيا خەلقئارا سۇ ھەپتىلىكى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى. يىغىندا «بېيجىڭ خىتابنامىسى--3-نۆۋەتلىك ئاسىيا خەلقئارا سۇ ھەپتىلىكى ئاسىيا سۇ باياناتى» ئىمزالاندى. پائالىيەتتە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن سۇ مەسىلىسىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ،