كۆپ تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە سىياسىتى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. كۆپ تۈرلۈك مۇھىم سىياسەتلەر بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ، پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ مەدەت بېرىلدى.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ ھەمدە بازار تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بەش تۈرلۈك ئۆي-مۈلۈك پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ بانكىلارنى ساقلانما ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەش ھەمدە ئۆي قەرزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساقلانما ئۆي قەرز پۇلى دېگىنىمىز، تارقىتىلىپ بولغان، لېكىن تېخى قايتۇرۇپ بولالمىغان شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 50 مىليون ئائىلە، 150 مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ھەر يىلى 150 مىليارد يۈەن يۈك يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن. پەن گۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: سودا بانكىلىرىنى ساقلانما ئۆي قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنى يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىگە يېقىن تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەش كېرەك، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى تەخمىنەن 0.5 پوئىنت ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. مەملىكەت قاتلىمىدىكى ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي قەرزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى ھازىرقى %25 تىن %15 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، پاي چېكى بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي بانكا تۇنجى قېتىم كاپىتال بازىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلمىلىق پۇل سىياسىتى قورالىنى تەسىس قىلدى. بۇ ئاكسىيە، فوند، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش ھەمدە پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، مەخسۇس تۈردىكى قايتا قەرز پۇلنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەن گۇڭشېڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولغان تۇنجى قارارلىق مەشغۇلات كۆلىمى 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، كەلگۈسىدە ئەھۋالغا قاراپ كۆلەمنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ. بۇ قورال ئارقىلىق ئېرىشكەن مەبلەغ پەقەت پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاكسىيە نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ياخشىلاپ، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى پائال قوللىدى. جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ چىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىلەن بىرلىكتە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ بازار قىممىتىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار كۆرسەتمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتۇق، بۇ كۆرسەتمىگە ناھايىتى تېزلا پىكىر ئېلىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىن قانۇن بويىچە بازار قىممىتىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىمىز.
ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، مەركەز خۇيجىن مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سودا تىپىدىكى ئوچۇق كۆرسەتكۈچ فوندىنى زور مىقداردا كۆپەيتىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاكسىيە نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ چىڭ مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەت مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ A پاي چېكى بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى يۈنزې ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت ئالتە چوڭ تىپتىكى سودا بانكىسىنىڭ يادرولۇق بىرىنچى دەرىجىلىك كاپىتالىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى، «بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش، بىر كەسىپكە بىر تەدبىر قوللىنىش» تەپەككۇرى بويىچە، تەرتىپلىك يولغا قويۇلىدۇ. بىز مۇقىم، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىياسىتى مۇھىتى بەرپا قىلىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت