ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى قۇرۇپ چىقتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-25 10:04

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» يۈرۈشلۈك تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، فوند كىرىم-چىقىمى ۋە قالدۇق كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇردى، بۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پائال تۆھپە قوشتى.

  ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش كۆلىمى 30 مىليوندىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جۇڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن مالىيە، پۇل قاتارلىق ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ماس كۈچ چىقىرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى كۈچەيتىمىز.

  لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى مۇلازىمەتنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەرگە نىسبەتەن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش بىلەن يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك-مۇلازىمەت ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرىمىز.

  ئېلىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى، ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ئايرىم-ئايرىم 1 مىليارد 74 مىليون، 245 مىليون، 301 مىليونغا يەتتى. لى جۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىللىق پۇل تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، شەخسلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇپ، فوندنى بازارلاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

  لى جۇڭ مۇنداق دېدى: جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش كاپالىتى سىنىقى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىدا نوپۇس چەكلىمىسىنى قۇيۇۋېتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى قۇرۇپ چىقتى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» يۈرۈشلۈك تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.