قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
*خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، يېتىم بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بىر قېتىملىق تۇرمۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىشنى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلاردىن ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تارقىتىش دائىرىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەخسۇس مەبلەغنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
*دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى تۈرلۈك ئاشلىق كارخانىلىرى سېتىۋالغان يازلىق ئاشلىق 70 مىليون توننىدىن ئېشىپ، سېتىۋېلىش مىقدارى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغان. يېڭى پەسىللىك كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يىغىۋېلىنىپ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئاۋات مەزگىلدىكى سېتىۋېلىنىش مىقدارى 200 مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇپ، ئالدىنقى يىل بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
*9-ئاينىڭ 25-كۈنى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە بەش يىل بولدى، نۆۋەتتە، 216 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، بۇ لىنىيەلەر ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى 25 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، جەمئىي 127 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت