تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسى بويىغا گۈل ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ئېلان قىلىندى
دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسى بويلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا گۈل-گىياھلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىپ، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كۆرسىتىلىپ، بايرامغا قويۇق كەيپىيات قوشۇلدى.
تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» گۈللۈكىدە بايرامنى تەبرىكلەشنى تېما قىلغان «مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات، گۈل سېۋىتى» ئاساسىي مەنزىرە قىلىندى. گۈللۈك تېگىنىڭ دىيامېتىرى 45 مېتىر، ئېگىزلىكى 18 مېتىر، سېۋەت گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 16 مېتىر، سېۋەت تەخسىسىنىڭ دىئامېتىرى 12 مېتىر كېلىدۇ. گۈل سېۋىتىگە گۈزەل مەنىگە ئىگە مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات، گۈل-گىياھلار سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋەتەننىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى، گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلەر ئىپادىلەنگەن. بېيجىڭ شەھەرلىك باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىدارىسى شەھەر-بازار كۆكەرتىش باشقارمىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۇڭ شۆمىن مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم كۆكتات قوشۇلدى، سېۋەتنىڭ ئىچىگە بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان كاۋا، قاپاق، يەنە قىزىل لازا قوشۇلۇپ، قاينام-تاشقىنلىق مول ھوسۇلغا سىمۋول قىلىندى. سېۋەتكە يەنە مېۋە-چىۋە ۋە گۈللەر سېلىنىپ، مېۋە-چىۋە، كۆكتات، گۈل سېۋىتى ھاسىل قىلىندى، بۇ رەڭگارەڭ گۈللەر، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ خۇش پۇرقى تارقالدى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ يىل چاڭئەن كوچىسى بويىدىكى جيەنگومېندىن فۇشىڭمىنغىچە بولغان ئارىلىققا ئون گۇرۇپپا ئىستېرېئولۇق گۈللۈك كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى تەسۋىرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي چاڭئەن كوچىسىدىكى بەش گۇرۇپپا گۈللۈكتە ھەممە بىرلىكتە ۋەتەننىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش نامايان قىلىندى؛ غەربىي چاڭئەن كوچىسىدىكى بەش گۇرۇپپا گۈللۈكتە خۇاشيا پەرزەنتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت-ماكاننى بىرلىكتە قۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇشتەك بەختلىك تۇرمۇشى نامايەن قىلىندى. بېيجىڭ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى مەنزىرە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چۈ لىجيەن مۇنداق دېدى: پۈتۈن لىنىيەدە گۈل توپى، گۈل شارچىسى، گۈل ئەگمىسى شەكلى ئارقىلىق چاڭئەن كوچىسىدا گۈل مەنزىرىسى بەرپا قىلىنىپ، مەنزىرە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن باغچە شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى.
بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھەرلىك باغ ئورمان كۆكەرتىش تارماقلىرى ئاساسىي تېمىلىق گۈللۈكتىن 60 نەچچە گۇرۇپپا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەرگە تىكىلگەن گۈل 180 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن، گۈل ساندۇقى 20 مىڭدىن، ئىشلىتىلگەن گۈل 21 مىليون تەشتەكتىن ئاشىدۇ. دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن، بۇ گۈللەرنىڭ بىر قىسمى بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە سوۋغا قىلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا