ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەكتە
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 3 مىليون 860 مىڭ ئىستېمالچى سەككىز چوڭ تۈردىكى 5 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى سېتىۋالدى، سېتىش سوممىسى 24 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى، دېدى.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېن خۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككىنى يېڭىلاش» لايىھەسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازىلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تېز سېتىلىشى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يەنە ئالاقىدار ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
ۋېن خۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئىستېمال بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقىغا سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشتى. 4-ئايدىن 8-ئايغىچە، توڭلاتقۇ قاتارلىق كۈندىلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى پارچە سېتىش كەسپى، تېلېۋىزور قاتارلىق ئائىلە ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرىنى پارچە سېتىش كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %2.4 ۋە %5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 3-ئايدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 2.8 ۋە 11.6 پوئېنت ئاشتى.
سودا مىنىستىرلىقى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى گېڭ خۇڭجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىك كارخانىلىرى، سۇپا كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ «9-، 10-ئاي» ۋە «قوش 11» قاتارلىق مۇھىم ئىستېمال مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.
گېڭ خۇڭجۇ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم ئۆلكىلەر، شەھەرلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، سۇ تازىلىغۇچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاشخانا، ھاجەتخانىغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلار، ئەقلىي تەرەتدان، ئەقلىي ئىشىك قۇلۇپى قاتارلىق ئەقلىي ئائىلە سايمانلىرى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ساغلاملىق تەكشۈرۈش، قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق كونىرىغان ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئائىلىدىكى ئاشخانا، ھاجەتخانا جابدۇقلىرىنى «يېڭىلاش» ياردەم تولۇقلىمىسى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.
بۇ يىل 3-ئايدا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە تارماق «ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، گۈللەنمە ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش يېڭى ئېھتىياجىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 115 تۈرلۈك نۇقتىلىق دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.
بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى سۈپەت نازارەتچىلىك مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شېڭلى مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكسىكلىت، بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق يېڭىلانغان مەھسۇلاتلارنى تەخمىنەن 53 مىڭ تۈركۈم (قېتىم) ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، 5600 نەچچە تۈركۈم (قېتىم) لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى بايقىدى ۋە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا