يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيەلەر، يېڭى قاراشلار، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېمە ئۈچۈن يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەلىرى، يېڭى قاراشلىرى، يېڭى ھۆكۈملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا