ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-27 16:28
دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولۇپ، جەمئىي 70 مىليون توننىدىن ئارتۇق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىنغان، سېتىۋېلىش مىقدارى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغان. نۆۋەتتە جايلارنىڭ كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، كۈزلۈك ئاشلىق ئارقا ئارقىدىن بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىقنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش مىقدارى 200 مىليون توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش، تەڭشەپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش، زاپاس ساقلاش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى، سېتىۋېلىش ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولدى.

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ «گۆش كالىسى، سۈت كالىسى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، گۆش كالىسى، سۈت كالىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش، باقمىچىلىق مەيدانىدىكى ئائىلىلەرنىڭ يەم-خەشەك تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش، سۈتچىلىك، باقمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرېدىت، سۇغۇرتا سىياسىتى ئارقىلىق قوللاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇردى. 

 مالىيە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە 3 يىللىق 1 مىليارد 250 مىليون ياۋرو ۋە 7 يىللىق 750 مىليون ياۋرولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زايومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىليارد ياۋرولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زايومنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى. خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار بەس-بەستە سېتىۋالدى، ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 16 مىليارد 200 مىليون ياۋرو بولۇپ، تارقىتىش سوممىسىنىڭ 8.1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى. 

 تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى