پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سۇغۇرتا مەبلىغى ھەقدارلىق، پاي ھوقۇقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى 28 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن مەبلەغ بىلەن قوللىدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.2 كۆپ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت