ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 668 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-28 11:23

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 27-سېنتەبىر «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 668 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى، دېدى.

  دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ يۇڭلېي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن مەزمۇنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. تۈرلۈك تېمىدىكى نادىر ئەسەرلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلدى. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئېلىمىزدە 148 تېلېۋىزىيە تىياتىرى، تور تىياتىرى تارقىتىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى، «مىقدارىنى ئازايتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. تور ئۈن-سىن كەسپى داۋاملىق گۈللىنىپ، ئابونتلار كۆلىمى بىر مىليارد 68 مىليونغا يەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 668 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ گورۈي مۇنداق دېدى: رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن، تېلېۋىزىيە چوڭ ئېكرانى ۋە يان تېلېفون كىچىك ئېكرانىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈكلىشىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرىمىز. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 13 قانالنى يېڭىدىن كۆپەيتىش پىلانلاندى، شۇ چاغدا ئېلىمىزدە دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قانال 20دىن ئاشىدۇ. 2026-يىلىغا بارغاندا يەنە 11ى كۆپەيتىلىدۇ؛ يىللىق يېڭىدىن كۆپەيگەن پىروگراممىلار ئىچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پىروگراممىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ %50تىن ئاشىدۇ. شۇ چاغدا دەرىجىدىن تاشقىرى ئېنىق بولۇش رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولۇپ قالىدۇ.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 668 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 27-سېنتەبىر «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى،