2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى شەندۇڭنىڭ چۈفۇدا باشلاندى
2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شەندۇڭنىڭ چۈفۇدا باشلاندى.
جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: كۇڭزى بەرپا قىلغان كۇڭزى تەلىماتى ۋە مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان كۇڭزى ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەدەنىيلىكتە ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بارغانسېرى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇڭزى ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنى بىرلىكتە قوغدىشىمىز زۆرۈر. بۈيۈك دانىشمەنلەرنىڭ ئىدىيەسىدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش؛ رەقەملەشكەن تەرەققىيات دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت نۇرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتۇش كېرەك. مەدەنىيلىكتە ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا مەدەنىيىلىك باغچىسىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇش كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا