ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يىلنامىسى» (يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى) ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-30 15:24

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يىلنامىسى» (يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى) ناملىق كىتاب، جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يىلنامىسى» (يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى) ناملىق كىتابتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، تاشقى مۇناسىۋەت، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىش، تەرەققىي قىلىش، زورىيىش شانلىق مۇساپىسى تولۇق نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پۈتۈن كىتاب 1921-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە ھەر يىلى بىر توم، جەمئىي 29 توم بولۇپ، خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 9 مىليون خەتتىن ئارتۇق كېلىدۇ، ھازىرغا قەدەر مەزمۇنى ئەڭ مول، ھەجىمى ئەڭ چوڭ بولغان يىلنامە ئۇسلۇبىدىكى پارتىيە تارىخى ئاساسىي ئەسىرى. 
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يىلنامىسى» (يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى) ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يىلنامىسى» (يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى) ناملىق كىتاب، جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى،