مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرىپ، دۆلەت بايرىمى كۈتۈۋېلىندى
دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جايلاردىكى شەھەر، يېزىلار يىپيېڭى تۈسكە كىرىپ، بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.
دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» ناملىق غايەت زور گۈللۈك تيەنئەنمېن مەيدانىدا رەسمىي نامايان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ شەھىرى يەنە پۈتۈن شەھەردىكى مۇھىم رايون، يول، تۈگۈنلەرگە ئاساسىي تېمىلىق گۈللۈك، يەرگە تىكىلگەن گۈل-گىياھ، گۈل ساندۇقى قاتارلىق گۈل-گىياھ مەنزىرىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. مۇشىدى كۆۋرۈك رايونى گۈل-گىياھ ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى جۇ جىۋېن مۇنداق دېدى: ئۈچ كۆۋرۈك رايونى جەمئىي 4400 مېتىر كېلىدۇ، بىز جەمئىي 2200 گۈل ساندۇقى ئاستۇق، بۇ يىل ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسى باغچە شەھەر قۇرۇلۇشى باغ-ئورمان پەن- تېخنىكىسى، ئەقلىي باغ-ئورمان ئاسراشتا قوللىنىش ئاساس قىلىندى.
بېيجىڭ گوماۋ كۆۋرۈكى، شىنشىڭ كۆۋرۈكىنىڭ رېشاتكىسىغا ئىستېرېئولۇق گۈل ساندۇقى ئېسىلىپ، ئوخشىمىغان تۈر ۋە رەڭدىكى پەسىللىك گۈل-گىياھلار ئۆستۈرۈلۈپ، گۈللۈك مەنزىرە كارىدورى بەرپا قىلىندى.
شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونى كاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىلەر دۆلەت بايرىقى ئېسىپ، بايرام كەيپىياتىنى ئالاھىدە قويۇقلاشتۇردى. كەنت ئاھالىسى كاڭ يۇڭجيې مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قەدەممۇ-قەدەم گۇۋاھ بولالىغانلىقىمىزدىن ھەقىقەتەن ناھايىتى خۇشال بولدۇق.
جياڭشىدىكى داڭلىق قىزىل كەنت-ۋەنئەن ناھىيەسى شياۋدۇڭ شېزۇ كەنتىدە، كەنت مەيدانى، ئېرىق بويلىرى، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىغا دۆلەت بايرىقى ئېسىلدى. شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»، «ئۆرپ-ئادەت»، «ۋەنئەن چىلىن شىر ئويۇنى» قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس»، جيەنتيەن يېزىسى شياۋدۇڭ شېزۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لېي مىڭشېڭ مۇنداق دېدى: بىز قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىز ۋە مەسئۇلىيەتكە قارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەر تەڭ بەھرىلىنىش، تەڭ بېيىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيمىز. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت