سىچۇەن ئۆلكىسى ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پىلانلىدى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى. سىچۈەن ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، ياسىمىچىلىقنى «ئەقلىيلەشتۈرۈش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش» قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى.
سىچۇەن ئۆلكىسى ميەنياڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپ تەرەققىيات رايونىدىكى مەلۇم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە قارا رەڭلىك ئاساسىي ماشىنا ساندۇقلىرى چاقناپ تۇراتتى.
كارخانا AI تەجرىبىخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى جۇ چۈنيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاقما لىنىيەدە ئەسلىدە ئادەم كۈچىگە تايىنىپ مەھسۇلات تەكشۈرۈلەتتى، خاتا تەكشۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى ئىدى. 2023-يىلى «ئەقلىيلەشتۈرۈش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كارخانا بۇ ئاقما لىنىيەدە فوتو ئاپپارات ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى سەپلىدى، تەكشۈرۈشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 0.02 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى.
سانائەت كونا شەھىرى ميەنياڭدا، رەقەملەشكەن مۇلازىمەت سودىگەرلىرى «كىچىك، تېز، يېنىك، توغرا» رەقەملەشكەن ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، يەرلىك باشلامچى كارخانىلار مۇلازىمەت سودىگەرلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، شەھەر ئىچى-سىرتىدىكى 3000غا يېقىن تەمىنات زەنجىرىدىكى كارخانىلارنى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان «خاس» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ميەنياڭ شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ چېنسېن مۇنداق دېدى: بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس سىمىنىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياسىمىچىلىقنى ئەقلىيلەشتۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتتۇق.
«ئەقلىيلەشتۈرۈش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش»، «چەمبىرەك قۇرۇپ، زەنجىرنى كۈچەيتىش» قەدىمى سىچۈەندىكى باشقا شەھەرلەردىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. چېڭدۇ سانائەت ئارقىلىق شەھەر قۇرۇش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك شەھەر بولۇشنى ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، يېڭى تىپتىكى كۆرۈنمە ئېكران، ئاپتوموبىل، چوڭ ئايروپىلان ياساش قاتارلىق 30 نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، تىرىليون دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىنى يېتىلدۈردى. چېڭدۇ شەھەرلىك يېڭى ئىقتىساد تەرەققىيات كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ خەيشياڭ مۇنداق دېدى: بىز دىققەتنى سۈنئىي ئەقل، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زەنجىرسىمان ئاساسىي كارخانا، ئاممىۋى سۇپا، ۋاسىتىچى ئاپپارات، ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسى فوندى، باشلامچى ئىختىساسلىقلار قاتارلىق +N»5» كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقل ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىك ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرىمىز.
نۆۋەتتە، سىچۇەن نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى؛ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى مەھسۇلاتىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى %94.8 بولدى. سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ چىڭمىڭ مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقل، سۈنئىي ھەمراھ تورى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئەقلىي تورلاشقان ئاپتوموبىل، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، 6G ئىلغار يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە سانائىتىنىڭ «مۇستەھكەم تۈۋرۈكى»نى قەتئىي تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پائال مۇلازىمەت قىلىمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى