3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل| يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-24 16:16
3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى شەندۇڭنىڭ چىڭداۋدا ئېچىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز خەلقئارا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنياغا %80 تىن ئارتۇق يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى ۋە %70 شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى تەقدىم قىلغان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد