ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مىنىستىرلىقى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ قايتا يۈكسىلىپ، ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-25 10:26
سودا مىنىستىرلىقى10-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 9-ئايدا، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېلىمىز ئىستېمال بازىرىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 9-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 110 مىليارد يۈەنگە يېتىپ،  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.1 پوئېنت تېز بولغان. ئوخشاش مەزگىلدىكى چەك قويۇلغان ئورۇنلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 17.1 پوئىنتى تېز بولغان؛ ئاپتوموبىل، ئۆي جاھازلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %0.4 ئېشىپ، مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خې يادۇڭ مۇنداق دېدى: 9-ئايدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلغانلىقتىن، ئېلىمىز ئىستېمال بازىرىدا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە «قوش 11» ئىستېمال نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مول مەزمۇنلۇق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. خې يادۇڭ مۇنداق دېدى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش، مىڭ ناھىيە، ئون مىڭ بازار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمال پەسلى، «يىپەك يولى بۇلۇت مەھسۇلاتلىرى» ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمى قاتارلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرىمىز، بىز يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى «قوش 11» مەزگىلىدە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. 
سودا مىنىستىرلىقى 11-ئايدا شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، تيەنجىن، چۇڭچىڭلارنى  ھەمتۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال مەركىزى شەھەر ئېسىل ئىستېمال ئېيى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ. ئېسىل مال سېتىۋېلىش، ئېسىل تائاملار، ئېسىل ساياھەت ۋە ئېسىل ئويۇندىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھەنى چۆرىدەپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودا مىنىستىرلىقى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ قايتا يۈكسىلىپ، ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

سودا مىنىستىرلىقى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ قايتا يۈكسىلىپ، ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ