تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئالاھىدە ئىجازەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان» كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلدى
7-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئالاھىدە ئىجازەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان» كۆرگەزمە بۇيۇملىرى يېقىندا شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى چېگرا ئېغىزىدا تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئاۋسترالىيەدىن كەلتۈرۈلگەن نيۇيۇ مېۋىسى بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 800 كىلوگرام كېلىدۇ. ئاۋسترالىيە نيۇيۇ مېۋىسى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى نيۇيۇ مېۋىسى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئالاھىدە ئىجازىتىگە ئېرىشىش-نيۇيۇ مېۋىسى ئۆستۈرگەن دېھقانلارنى ئۆزگىچە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
تاموژنا باش مەھكىمىسى بۇلتۇر «ئالاھىدە ئىجازەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» سىياسىتىنى ئىجادىي يولغا قويدى: يەنى خەۋپ-خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولۇشنى باھالاپ بېكىتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇمى تارقالمىغان دۆلەت (رايون)لارنىڭ كارانتىن قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشمىگەن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىكلىرىنى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن چېگرىدىن كىرگۈزۈپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. شاڭخەي تاموژنىسى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈي جىنلۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە تېگىشلىك مەھسۇلاتلارنىڭ دائىرىسىنى قىسقارتتۇق، ئىلگىرى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تاموژنا باش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلايتتى، بۇ يىل شاڭخەي تاموژنىسىدا ئالاھىدە ئىجازەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولىدىغان بولدى، بۇ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار