ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شېنجۇ 19-نومۇر»نى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا پۈتۈن سىستېما بويىچە بىرلەشمە مەشىق قانات يايدۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-27 11:21

«شېنجۇ 19-نومۇر» لۇق ئالەم كېمىسى-راكېتا بىرىكمە گەۋدىسى مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، يېقىندا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قويۇپ بېرىش مەيدانى رايونى ھەر قايسى ئورۇنلارنى پۈتۈن سىستېما بويىچە بىرلەشمە مەشىقنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مەشىققە جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ئۆلچەش-قويۇپ بېرىش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئىش ئورۇنلىرى قاتناشتى، قويۇپ بېرىش مەيدانى سىستېمىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇنار جازىسى، راكېتا، ئالەم كېمىسى قاتارلىق تارماق سىستېمىلار ئىقتىدارىنى تەكشۈردى، ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئوت ئالدۇرۇپ ئۇچۇشتىن ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا ئايرىلىشقىچە، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ پۈتۈن جەريانى تەقلىدىي مەشىق قىلىندى. «شېنجۇ 19-نومۇر» لۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى تەرتىپ بويىچە تەقلىدىي ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم، ئالەم كېمىسى، راكېتا، يەر يۈزى بىرلەشمە تەكشۈرۈش سىنىقىنى باشلىدى ھەمدە راكېتانى تەقلىدىي ئۇچۇرۇش جەريانىدا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بۆلەك ۋە ئۇچۇش بۆلىكىدىكى بارلىق ھالقىلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسىمۇ ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسىنى تېببىي تەكشۈرۈش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يولغا چىقىش مۇراسىمى، بۆلمىنىڭ ئىچكى ھالىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۆلمىگە كىرگەندىن كېيىنكى تەرتىپ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى بىرگە بىر نىسبەت بىلەن مەشىق قىلدى. جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پەن-تەتقىقات مەشىق مەركىزىدىكى شىڭ لېي مۇنداق دېدى: ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ھالىتى ئىنتايىن ياخشى، ئۇلارنىڭ پارولى ئىنتايىن توغرا، مەشغۇلاتىمۇ ئىنتايىن پىششىق، پۈتۈن جەرياندىكى ۋەزىپىلەر بېكىتكەن پىلانىمىز بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كىرگەندىن بۇيان، ئاساسلىقى بۆلمە ئىچىدىكى بېسىم كىيىمى، ئالەم قاتنىشى يېمەكلىكلىرى قاتارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىشلىتىدىغان جابدۇق ۋە  ئەشيالار تەكشۈرۈلدى ۋە سىنالدى، بۆلمە ئىچىدىكى گاز مۇھىتى، مىكرو ئورگانىزم مۇھىتى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلدى، ئالەم قاتنىشى ئىلمىي تەجرىبىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى، ئالدىنقى مەزگىلدە ئالەم كېمىسىگە ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەندى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شېنجۇ 19-نومۇر»نى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا پۈتۈن سىستېما بويىچە بىرلەشمە مەشىق قانات يايدۇرۇلدى

«شېنجۇ 19-نومۇر» لۇق ئالەم كېمىسى-راكېتا بىرىكمە گەۋدىسى مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، يېقىندا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قويۇپ بېرىش مەيدانى رايونى ھەر قايسى ئورۇنلارنى پۈتۈن سىستېما بويىچە بىرلەشمە مەشىقنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.