ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-27 11:47

*2024-يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى «دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى باش تېما كۈنى» پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز جەمئىي 1610 تۈرلۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى.
*مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا 2025-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىشقا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشقان، جەمئىي 3 مىليون 416 مىڭ كىشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەر سانى بىلەن قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ساننىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 86:1 بولغان.
*بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، شېنجېن، جۇخەيدىن ئىبارەت تۆت جايدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى «‹ئىناۋەت چوڭ قولتۇق رايونى› نى تەڭ قۇرۇش رامكا كېلىشىمى» نى ئىمزالىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، چوڭ قولتۇق رايونى ئىناۋەت سانلىق مەلۇماتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش مەخسۇس رايونى قۇرۇپ، شېنجېننىڭ چوڭ قولتۇق رايونى چېگرا ھالقىغان ئىناۋەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، چيەنخەي ئىناۋەت سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有