ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى توققۇز ئايدا ئېلىمىزنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بەش تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-28 15:20

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، ئېلىمىزدىكى كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بەش تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ۋەكىللىكىدىكى يېڭى قۇۋۋەت كەسپىنىڭ پايدىسى تېز ئاشتى، بۇ سانائەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى، دېدى.
1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 228 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان پايدا سوممىسىدىن 575 مىليارد 430 مىليون يۈەن ئاشقان. كەسىپلەردىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 9.8 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، كۆلەملەشكەن سانائەت پايدىسىنىڭ 1.1 پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆلەملەشكەن سانائەت پايدىسىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. سەيدى تەتقىقات يۇرتى سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقاتخانسىنىڭ باشلىقى گۇەن بىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، كىيىمە، تاقىما ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، ئەقلىي ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساش قاتارلىق ئەقلىي ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ پايدىسى ئايرىم-ئايرىم %27.5، %25.6 ۋە %10.2 ئاشتى. لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ياساش قاتارلىق يېشىل ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ %58.8 ئاشتى، يول باشلاش، ئۆلچەش-سىزىش، ھاۋا رايى ۋە دېڭىز-ئوكيان مەخسۇس ئەسۋابلىرىنى ياساش، نازۇك دېتال ۋە سېنزور ياساش، ئېلېكتىرونلۇق توك يولى ياساش قاتارلىقلارنىڭ ئايرىم- ئايرىم %53.3، %35 ۋە %33.5 ئاشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار، تارماقلار ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە خەلقئارا بازار ئېھتىياجىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، قىسمەن ئىستېمال بۇيۇملىرى كەسپى بىر قەدەر تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئىستېمال بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 5.9 پوئېنت يۇقىرى بولدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有