گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى ئېلان قىلدى
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق كىشىلەر، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى قاپلىغان نوپۇس مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كەلگۈسىدە تۇغۇت تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار قاتارلىق كىشىلەرنى تۇغۇت سۇغۇرتىسى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە مەدەت بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
جېجياڭنىڭ خۇجۇدا، ئىزچىل ئۆزى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇپ كەلگەن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى جۇ مياۋمياۋ يېقىندىلا ئىككىنچى بالىسىنى تۇغدى. جۇ مياۋمياۋنىڭ يولدىشى جى لى مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى ماڭا ئايالىڭىز سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاددىي ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش تۇغۇت ياردەم پۇلى قاتارلىق تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئون مىڭ يۈەن ئالالايسىز دېدى، يەتتە يىل ئىلگىرى تۇنجى بالام تۇغۇلغاندا بۇ خىراجەت يوق ئىدى، پەقەت ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتىسى ئارقىلىق، ئىككى، ئۈچ مىڭ يۈەن ئالغىلى بولاتتى. بۇ قېتىم مېنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىم يېنىكلەيدىغان بولدى.
بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان «بىر قانچە تەدبىر»دە، جايلارنىڭ تەجرىبىلىرى تولۇق يەكۈنلىنىپ، تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىش؛ تۇغۇت تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈش؛ جايلارنىڭ تۇغۇت تولغىقى ۋە كۆپىيىشكە ياردەم بېرىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېخنىكا تۈرلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق بولغان تەننەرخنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى نوپۇس ۋە مىللەتلەر تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ جۈخۇا مۇنداق دېدى: «بىر قانچە تەدبىر»دە، بارلىق كىشىلەر، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى قاپلىغان ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، ئىلگىرى بىر قەدەر سەل قارالغان بىر قىسىم توپقا كۆڭۈل بۆلۈندى. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ ئاساسىي تۇغۇت، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەرنى، جۈملىدىن دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىگە كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بالا تەربىيەلىگۈچىلەرنىڭ ئەمگەك كاپالىتى ھوقۇقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش، ۋاقىت جەھەتتىن قوللاش، يەنە مۇلازىمەت جەھەتتىن قوللاش، جۈملىدىن تۇغۇت دەم ئېلىشى، يەڭگىگەن ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ دەم ئېلىش، ئائىلىدە بالا بېقىش دەم ئېلىشى جەھەتتىن قوللاش تەكىتلەندى، بۇ، ئاياللارنىڭ پۇرسەت تەننەرخىنى يەڭگىللىتىپ، ئۇلارنى خىزمەت ئورنى ۋە ئائىلىسىدە نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.
بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىر قانچە تەدبىر» ئائىلىنىڭ تۇغۇت، بېقىش، تەربىيەلەشتە ساقلانغان يۈكىگە قارىتىلغان بولۇپ، «تۇغۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق»، «باقالماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان. تەدبىردە، جايلاردىن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قەرزى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ھۆكۈمەت ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش؛ مەھەللىلەرنىڭ تۈرلۈك بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەھەللىلەرنىڭ گىرەلەشمە ۋاكالىتەن ھاۋالىلىك تەربىيەلىشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تۈرلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، جايلارنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ بىر مەكتەپتە ئوقۇشىنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى. جۇڭگو خەلق داشۆسى نوپۇس ۋە ساغلاملىق شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ فەن مۇنداق دەپ قارىدى: سىياسەتنىڭ «رىغبەتلەندۈرۈش» خاراكتېرى ۋە «تۇغۇت سۆيەرلىك» ئالاھىدىلىكى كەلگۈسىدە تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىشنى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تۇغۇتنى ھۆرمەتلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، تۇغۇتنى قوللاپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تۇغۇت سۆيەر كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، ئائىلىلەرنىڭ بالا تەربىيەلىشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ شۇنداقلا نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار