ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 19-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-31 16:00

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شېنجۇ 19-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى بوشلۇق پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىپ جىپسىلاشقان، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بىلەن شېنجۇ 19-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تارىخىدا 5-قېتىم «بوشلۇق»تا ئۇچراشقان.
شېنجۇ 19-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرىپ تەخمىنەن ئالتە يېرىم سائەتتىن كېيىن، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دە جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ ئالەم كېمىسى، ئۈچ بۆلمە بىرىكمە گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىكى ياڭ خەيفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆپ قېتىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە دەلىللەشكە ئەگىشىپ، مۇستەقىل، تېز تۇتاشتۇرۇش تېخنىكىسى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، ۋەزىپىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 6.5 سائەتلىك تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىپ جىپسىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ لايىھە ھازىر سەككىز قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئارقىلىق ئوربىتىدا ئۇچۇش تەجرىبىسى دەلىللەندى، تېخنىكا بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، بۇ بىزنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىمىزگە، ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق. بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت







中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 19-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شېنجۇ 19-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن،