ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ 10-ئايدىكى ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى %50.1 بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-01 10:07

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 10-ئايدا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى %50.1 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت ئېشىپ، كېڭىيىش دائىرىسىگە قايتتى. ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %50.2 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پوئېنت ئۆرلەپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئېشىش ئاساسى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى.

ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئىككى ئاي ئۆرلەپ، 10-ئايدا كېڭىيىش دائىرىسىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى %52 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.8 پوئېنت ئاشتى، يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچى %50 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئېنت ئاشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەت تەكشۈرۈش مەركىزى كارخانىلارنى گۈللەندۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خو لىخۇي مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كېڭىيىشى تېزلەشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچىمۇ ئۆرلەپ كىرىتىك نۇقتىغا يەتتى. ھەممىباب ئۈسكۈنىلەر، ئاپتوموبىل، ئېلېكتىر سايمانلىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ۋە يېڭى زاكاز تالونى كۆرسەتكۈچى %54 تىن يۇقىرى بىر قەدەر يۇقىرى ئايلىنىش سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ.

يېقىنقى مەزگىلدىكى قىسمەن كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئاساسلىق خام ئەشيالارنىڭ سېتىۋېلىنىش باھا كۆرسەتكۈچى %53.4، زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى %49.9 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %8.3 ۋە 5.9 پوئېنت ئۆرلەپ، ياسىمىچىلىقنىڭ بازار باھا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئۆرلىدى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى %54 بولدى، كارخانىلار كەسىپ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بىرقەدەر ئۈمىدۋار بولدى.

10-ئايدا ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيىتىنىڭ كۆرسەتكۈچى %50.2 بولۇپ، ئۇدا بەش ئاي %50 ئەتراپىدا مۇقىملىشىپ، ياسىمىچىلىقتىن باشقا تىجارەت پائالىيىتىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %50.1 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پوئېنت ئېشىپ، گۈللىنىش دائىرىسىگە قايتتى. جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي جىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىناكارلىق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىشى يامان ئەمەس، بولۇپمۇ مەبلەغ سېلىش تۈرىدىكى مۇلازىمەت كەسپى، جۇڭگو ئىقتىسادىدا نۆۋەتتىكى پايدىلىق ئامىللار تەدرىجىي جۇغلىنىپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنىڭ يەنىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ 10-ئايدىكى ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى %50.1 بولدى

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 10-ئايدا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى %50.1 بولۇپ،