ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ قاتناش تىرانسپورت ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى ئاشتى
قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى» تارقىتىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ قاتناش-تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، قىسمەن ئەۋزەل ساھەلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى.
قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، ئۇنىۋېرسال پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ چۇنگېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 6 مىليون كىلومېتىردىن ئاشتى، شەرق بىلەن غەربنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چوڭ يولى تېز تۇتاشتۇرۇلدى. قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، شېنجېن-جۇڭشەن يولى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم چوڭ قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى قاتارلىق بىر تۈركۈم زور قاتناش جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يۈك توشۇش مىقدارى، پورتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى، رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئاشتى.
ۋۇ چۈنگېڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، تىجارەت خاراكتېرلىك يۈك توشۇش مىقدارى 41 مىليارد 630 مىليون توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشتى. رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى 49 مىليارد 90 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى. قاتناش مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 2 تىرىليون 713 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۆلىمى داۋاملىق بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى