ئېلىمىزنىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى
دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تىرىلمە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 200 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئاشتى.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە توك تارقىتىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليارد 160 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئاشقان. كۆمۈر، نېفىت، گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشقان، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلانغان، ئېنېرگىيە باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شىڭ: ئېلىمىز ئېنېرگىيەسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، دەپ تەكىتلىدى.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى 2 تىرىليون 510 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئېشىپ، ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %35.5 نى ئىگىلىگەن.
جاڭ شىڭ مۇنداق دېدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىرى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى جەمئىي 1 تىرىليون 349 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.3 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى 3-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى، ئوخشاش مەزگىلدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى.
دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ ۋەنچېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى توك ئىشلىتىش مىقدارى ياز پەسلىدىكى توك ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا قىش پەسلىدىكى توك ئىشلىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى