ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ كىرىش ئىجازىتىگە چەك قويۇش تەدبىرى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
«چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلىغىنىڭ كىرىشىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى (پاسسىپ تىزىملىك) 2024-يىللىق نۇسخىسى» 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ كىرىش ئىجازىتىگە چەك قويۇش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش تەرتىپلىك كېڭەيتىلمەكتە.
«چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلىغىنىڭ كىرىشىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ (پاسسىپ تىزىملىك) 2024-يىللىق نۇسخىسى»دا ياسىمىچىلىق ساھەسىدە قېپقالغان ئىككى چەكلەش تەدبىرى چىقىرىۋېتىلدى، بۇ ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ لىڭيۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ بىردەك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ياسىمىچىلىق ساھەسىنى باشقۇرالايدۇ.
تېلېگراف، ئېنتېرنت، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىنى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي، خەينەن، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت جايدا «قىممىتى ئاشۇرۇلغان تېلېگراف كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش»نى سىناق قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى ئېنتېرنت سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق قىممىتى ئاشۇرۇلغان تېلېگراف كەسپىنى «مۇستەقىل» باشقۇرسا بولىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى