ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار» ئاممىۋى باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-01 10:20

جايلار «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار» باش تېمىسىدىكى ئاممىۋى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار باش تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، مەدەنىيەت كۆركى، قىزىل تەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەكتەپ، مەھەللە، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا كىرگۈزۈپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تور ئىچى-سىرتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قىزىل باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. گۇاڭجۇ شەھىرى 100 دىن ئارتۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى بازىسىنى ئاساسىي بازا قىلىپ، «قەھرىمان شەھەردە قەھرىمانلار گۈللىرى ئېچىلدى» باش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتتى. جېجياڭ قىزىل مەدەنىيەت پائالىيىتىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ھەمكارلىق مېخانىزمى، پۈتۈن رايون ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان پائالىيەت سىستېمىسى، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان تەشۋىقات-تەربىيە ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. جياشىڭدا، شۇ جاي ئىنقىلاب قىزىل كېمىسى يولغا چىققان جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەشۋىق-تەربىيە باش تېمىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، قىزىل تەربىيە دەرسخانىسى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، باش تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ئون مىڭ مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت تەشكىللىدى.

شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستى بەش ئۆگىنىش، ھېس قىلىش لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، سەييارە لېكسىيە سۆزلەش، باش تېمىلىق كۆرگەزمە ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 1200 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزدى، بۇنىڭغا قاتناشقان ئامما 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئېكسكۇرسىيەچى گۈزەلئاي تۇرغۇن مۇنداق دېدى: مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقاندىلا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز ياشلار تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان گۈزەل شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

خېبېي ئۆلكىسى ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يۈزلىنىپ مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە، يېزا، كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، باش تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتتى. خېڭشۈيدە، شۇ جاي «365 پۇقرالار ھېكايىلىرى توپلىمى» قاتارلىق ئۆزگىچە ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، تىپلار، نەمۇنىچىلار لېكسىيە سۆزلەش، قىسقا ۋىدېيو، نەق مەيداننى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يۈز مەيداندىن ئارتۇق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار» ئاممىۋى باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

جايلار «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار» باش تېمىسىدىكى ئاممىۋى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار باش تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش،