قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
*تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە مەملىكەت بويىچە دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان. دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.
*دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش بويىچە ئۈچ تۈرلۈك سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ چېگرا ئىچىدە قايتا مەبلەغ سېلىشىنى تىزىملاشنى كەچۈرۈم قىلىش سىناق نۇقتىسى ۋە بانكا تاشقى قەرزنى بىۋاسىتە تىزىملاش سىناق قىلىدىغان رايونلارنى تيەنجىن، ئەنخۇي، شەندۇڭ (چىڭداۋنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خۇبېي ۋە سىچۈەنگە كېڭەيتىدىغانلىقىنى؛ «كېخۇيتۇڭ» سىناق رايونىنى شاڭخەي، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي شيۇڭئەن قاتارلىق 16 جايغا كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
*بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە قاراشلىق جۇڭگو بۇيۇملارنى كودلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىستېمال بۇيۇملىرى 15 مىليون 185 مىڭ خىلغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئاشقان.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت