ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئاياغلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-02 11:47

  ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئاياغلاشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم 3-ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەنە بىر قېتىم مۇپەسسەل شەرھلەش، ھەم ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇشقا بولغان كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  مۇھاكىمە كۇرسى مەزگىلىدە، بارلىق كۇرسانتلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، زور پىرىنسىپى، زور تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مۇھاكىمە كۇرسىدىكى 10 ۋەكىل سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  سەي چى مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىل ئاخىرى، يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىلنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىشى ۋە كېلەر يىلنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى گەنجيې ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شى تەيفېڭ، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ ۋە چېن شى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئاياغلاشتى

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى