ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى
باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە يىراق كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانى مۇپەسسەل، مەزمۇنى مول، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل