تۇنجى جۇڭگو خەلقئارا ئېسىل مەھسۇلات ئىستېمال ئېيى پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ
تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال مەركىزى شەھەرلىرىنىڭ ئېسىل ئىستېمال ئېيى پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى شاڭخەيدە باشلىنىدۇ. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پائالىيەت مەزگىلىدە، شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، تيەنجىن، چۇڭچىڭ قاتارلىق بەش شەھەردە 50 مەيدان ئېسىل مەھسۇلاتنى تۇنجى ئېلان قىلىش، تۇنجى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەر شارى، ئاسىيا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۇكاندىن 70 نەچچىسى يېڭىدىن تەسىس قىلىنىدۇ. ئېسىل مال سېتىۋېلىش، مەززىلىك تائاملار، ئېسىل ساياھەت، ئېسىل كۆرەكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكنى چۆرىدەپ 237 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل