ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«تور سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-25 14:43

مەركەز  تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تور تازىلاش.تور سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە ھېسابلاش ئۇسۇلى يۆنىلىشىنىڭ توغرا بولۇشى، ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشى، ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئاشكارا، ئېنىق بولۇشى، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش، ھېسابلاش ئۇسۇلى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى. ئالاقىدار كونكرېت ۋەزىپىلەر تور ئەھلى يۈكسەك كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە زىچ باغلانغان بولۇپ، مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ئۇچۇر غوزەك ئۆيى»، بېرىلىپ كېتىشكە ئازدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەش؛ رەت تەرتىپى تىزىملىكىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، رەت تەرتىپىنى كونترول قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش؛ قارىغۇلارچە مەنپەئەت قوغلىشىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«تور سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتى باشلاندى

مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تور تازىلاش.تور سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ