ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز يەر چېكىنىش «نۆللۈك ئېشىش»نى يەر شارى بويىچە ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-26 11:17

دۆلەتلىك ئورمانچىلىق، ئوتلاق ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى باشلانغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قۇملۇق رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلانغان.

دۆلىتىمىز دۇنيادىكى چۆللىشىش ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %12.41تىن %13.84كە يەتتى، %61 سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش كۆلىمى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلانغان «يېشىل لىنىيەسى» غەربكە 300 كىلومېتىر يۆتكەلدى.

بۇ يىل «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى رايونى مەركەز مەبلىغىدىن جەمئىي 32 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، نۇقتىلىق تۈردىن 287 نى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈردى ھەم قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەردە يېڭىدىن ئورمان ئەھيا قىلىش، پەرۋىش قىلىشنى تۇنجى قېتىم مەركەز مەبلىغى بىلەن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى جەريانىدا، جايلار مەركەز بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىش، بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىشىپ تۈزەش، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش قاتارلىق يېڭى مېخانىزم ۋە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، يول ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماشىنا بىلەن قۇم بېسىش، ئاقىل كۆچەت تىكىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تېرىش قاتارلىق يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى تېخنىكىلار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەق مەيدانىدا نامايەن قىلىندى. ھازىرغىچە، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى رايونى 57 مىليون مو تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有