ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى لايىھەسى» ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 14:59

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، 2027-يىلىغا بارغاندا، جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي خىراجىتى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتىنى تىرىشىپ %13.5 ئەتراپىغا چۈشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2023-يىلى، ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي خىراجىتى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتى %14.4 بولدى. بۇ، 2027-يىلىغا بارغاندا، بۇ نىسبەتنىڭ 0.9 پوئىنت تۆۋەنلىشى، تەخمىنەن 1 تىرىليون يۈەنلىك تەننەرخ كۆلىمىنى تۆۋەنلىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇ چېڭيۈن تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتە، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۆزىنىلا نەزەردە تۇتۇش كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە «پۈتۈن جەمئىيەت»نى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
لۇ چېڭيۈن مۇنداق دېدى: بۇ كۆرسەتكۈچ يەنە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ نىسبەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھەم ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ ئۆزىدىكى يۈرۈشۈشنى تەشكىللەش ئۈنۈمى ھەم دۆلەتنىڭ زېمىن بوشلۇقىدىكى نوپۇس، بايلىق، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لۇ چېڭيۈن مۇنداق دېدى: پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشتە، «ياسىمىچىلىق نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاش»نى چوڭ ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش»-تىرانسپورت تەننەرخىنى ئۆلۈك تۆۋەنلىتىش ياكى ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق پايدىسىنى قىسقارتىش بولماستىن، بەلكى تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش، باشقۇرۇش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرى، ھەر قايسى ھالقىلىرىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان تىرانسپورت ئۇسۇلى، ئوخشاش بولمىغان ئەشيا ئوبوروت ھالقىلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

لۇ چېڭيۈن مۇنداق دېدى: ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈش سىستېمىسى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ تەشكىللەش سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

«ھەرىكەت لايىھەسى»دە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتىلار، قىيىن نۇقتىلار قارىتا، بەش جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، تۆمۈريولدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشيول يۈك تىرانسپورت بازىرىنى تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئەشيا ئوبوروتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئالغا سىلجىتىش، «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلات ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، كۆپ خىل ئۇسۇلدا بىرلىشىپ توشۇش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لۇ چېڭيۈن مۇنداق دېدى: تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنىڭ تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىدە، تۆمۈريول مۇلازىمىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشچانلىقنى ئۆستۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ تەشكىللەش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تۆمۈريول مۇلازىمىتىنى شەكىللەندۈرۈش چۆرىدىلىپ، مۇناسىپ ھالدا تۆمۈريول تىرانسپورتى مەيدان-ۋوگزاللىرىنىڭ تىجارەت تىرانسپورتىنى تەشكىللەش باھا مېخانىزمى ۋە ئىچكى ھېسابات مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق، قاراتمىلىق بولغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە سەرخىللاشتۇرۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى لايىھەسى» ئېلان قىلىندى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ،