ئېلىمىز 2035-يىلى كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى پىلانلىدى
جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان «يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ 2035-يىلىدىن بۇرۇنقى تەرەققىيات پىلانى»دا كۆرسىتىلىشىچە، يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سىستېمىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئېلىمىز 2035-يىلى تېخنىكىسى تېخىمۇ ئىلغار، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەلا بولغان يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى پىلانلىغان.
«توغرا، ئىشەنچلىك، ئۇدۇللۇق ئۇلاش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەۋرىشىملەشتۈرۈش» كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ سىستېما يەر شارى ئابونتلىرى ۋە باشقا ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش سىستېمىسىنى يەر يۈزىدىكى كەڭ بوشلۇق ۋە يەرگە يېقىن بوشلۇقنى قاپلىغان مېتىر دەرىجىسىدىن دېتسىمېتىر دەرىجىسىگىچە بولغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، مۇكەممەل يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى شې جۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سىسىتېمىسى بۇ مەسىلىنى ئىشەنچلىك ھەل قىلىدۇ، كۆپچىلىكنى يەتىكەن تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە %100 ئىشەندۈرىدۇ. كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سىستېمىسى پۈتكەندىن كېيىن، مۇلازىمەت ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر مېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ، قوبۇل قىلغان ئورۇن بەلگىلەش ئۈنۈمى، ئېنىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سىستېمىسى يۇلتۇز تۈركۈمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا، تۆۋەن ئوربىتىلىق ئارىلاشما يۇلتۇز تۈركۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەر يۈزىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە بولغان تۈرلۈك ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ھەمدە سۈنئىي ھەمراھقا تايانمايدىغان ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش ۋاسىتسى بىلەن يۇغۇرۇلغان تۈرلۈك ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنىڭ كۆپ كۆرۈنۈشلۈك، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياڭ چاڭفېڭ مۇنداق دېدى: بىز 2035-يىلى تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىيلەشكەن دۆلەت ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي نىشاننى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ئەقلىيلەشكەن، ئەۋرىشىملەشكەن، تورلاشقان سىستېمىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئېلىمىز 2025-يىلى كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ھالقىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاپ،2027-يىلى ئەتراپىدا باشلامچى تەجرىبە ئۈچ سۈنىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلاد يېڭى تېخنىكا تۈزۈلمە سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز، 2029-يىلى ئەتراپىدا كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سىستېمىسى گۇرۇپپا تورى سۈنىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشنى باشلاپ، 2035-يىلى كېيىنكى ئەۋلاد يەتىكەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى