ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-29 11:58

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ تېلېگراف كەسپىي كىرىمى مۇسبەت ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، تېلېگراف كەسپىي كىرىمى 1 تىرىليون 453 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تېلېگراف كەسپىي ئومۇمىي مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشتى. 5G ۋە مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ ئومۇمىي سانى 4 مىليون 141 مىڭغا يېتىپ، مىڭ مېگابايتلىق ئابۇنتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 تىن ئاشتى.#

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئېلىمىز پورتلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش چىقىرىش مىقدارى 14 مىليارد 510 مىليون توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى- تاشقى سودا كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم %1.7 ۋە %7.4 ئاشقان.#

تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان كۆپ تۈرلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئامبار كارخانىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئېكسپورت تالونىنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق 20 جايدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئېكسپورتىدا تاموژنا ھالقىپ مال قايتۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ تېلېگراف كەسپىي كىرىمى مۇسبەت ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ،