مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار دىققىتىنى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى
نۇرغۇن ۋەكىللەر، ئەزالار دىققىتىنى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.
2025-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى توپلىنىشقا يېتەكلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېنەن پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى بۇغداي تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى رۇ جېنگاڭ بۇ يىل قانداق قىلىپ يېزا ئىگىلىك ساھەسىنى AI تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىشكە نۇقتىلىق دىققەت قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى توپلاشتۇردۇق، ئۇنىڭغا يەنە AI تېخنىكىسىنى قوشتۇق، قايسى يەرنى كۆپرەك ئوغۇتلاش، قايسى نۇقتىغا دورا چاچماسلىق، قايسى نۇقتىغا قانچىلىك دورا چېچىش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى پەن-تېخنىكىنى توپلاشتۇردۇق، بۇمۇ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى چيۇ خۇاكاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىگە بولغان قارىشى، تونۇشى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىدە بىر قەدەر چوڭ پەرق بارلىقىنى بايقىدى، بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئۇ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ ئالاقىدار تەۋسىيەنى سۇنماقچى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك بايلىقىدىن تېجەشلىك پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، سېلىنما مىقدارىنى ئازايتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە گۇۋاھ بېرىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلسە.
2025-يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كىتىش، نامراتلىشىپ كىتىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گەنسۇ ئۆلكىسى جېنيۈەن ناھىيەسى لىنجىڭ بازىرى شىگۇچۈەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما يىنپىڭ: قايتا نامراتلىشىش خەۋپى بار نۇقتىلىق كىشىلەرنى كۆزىتىش داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش تەدبىرلىرى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، دەپ تەكلىپ بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەل ياكى گېئولوگىيەلىك ئاپەت ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقەلەر قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن بەزى كىشىلەر كۆپ چىقىم تارتىدۇ، كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يەنىلا بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ياردەم بېرىپ، ئاممىنى نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىدىن ساقلىشىمىز كېرەك.
2025-يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسى يۈسۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۈچېڭ: يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسىدىن ئىبارەت بۇ قوشۇن ئەلالاشتۇرۇلسا، ئەڭ ياخشىسى ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبىسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى، ئىش قىلىش تەجرىبىسى بار مۇنەۋۋەر ياشلارنى شەھەردىن يېزىغا قايتۇرۇپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زامانىۋى يېڭى دېھقانلار پائال يېتىشتۈرۈلسە، دەپ تەكلىپ بەردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا