ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توخۇ بېقىش ماھىرىنىڭ «ئەقىل-پاراسىتى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-04 11:06

«توخۇ بېقىش ماھىرى» فۇ چىڭخەي ئەتىگەن سائەت سەككىزدە پاختىلىق چاپىنىنى كىيىپ، توكسىكىلىت بىلەن 120 مو كېلىدىغان توخۇ فېرمىسىغا بېرىپ چۈجىلەرنى تەكشۈردى. ئۇ كىيىم ئالماشتۇرۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، توخۇ كاتىكىگە كىردى. ئەمدىلا توخۇ كاتىكىگە كىرگەن چۈجىلەر سەل ئاجىز ئىدى، ئۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن چۈجىلەرنى تۇتۇپ كۆردى.
بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن فۇ چىڭخەي 2009-يىلى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، توخۇ فېرمىسى قۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۇرۇش دولقۇنىدا ئۆز يۆنىلىشىنى تاپتى. فۇ چىڭخەينىڭ توخۇ فېرمىسىدا تۇخۇم ئايرىش، ماشىنىدا تۇخۇمدىن چىقىرىشتىن قەپەستە بېقىش، سۇ ۋە يەم بېرىش، ئاپتوماتىك ھالقىسىمان كونترول قىلىش، گەندىنى ئاپتوماتىك تازىلاشقىچە بولغان بارلىق جەريان توخۇ فېرمىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ توخۇ باقمىچىلىقى  تېخىمۇ ئاسانلاشتى. ھازىر شۇنچە چوڭ ئەقلىي توخۇ كاتىگىدە بىرلا ئادەم پۈتۈن باشقۇرۇشنى تاماملىيالايدۇ.
فۇ چىڭخەينىڭ توخۇ بېقىۋاتقىنىغا 16 يىل بولدى، ھازىر ئۇنىڭ توخۇ كاتىكىنىڭ ئاپتوماتلىشىش نىسبىتى %95 كە يېتىپ، ئايلىق چۆجە چىقىرىش مىقدارى 40 مىڭغا يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن بەش ھەسسە ئاشتى.
فۇ چىڭخەي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەتمۇ ئاقىل باقمىچىلىقنى تەشەببۇس قىلدى، ئاقىل باقمىچىلىق، زامانىۋى باقمىچىلىق ئارقىلىق كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى سۈپەتلىك تۇخۇم بىلەن تەمىنلىيەلىسەك، ئارزۇيىمىزغا يەتكەن بولىمىز.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توخۇ بېقىش ماھىرىنىڭ «ئەقىل-پاراسىتى»

ئەمدى «بىر يىللىق پىلان» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «توخۇ بېقىش ماھىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»دېگەن قىسمىدا، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى لۇئەنچېڭ رايونى ليەندەيمېي كەنتىنىڭ ئاقىل باقمىچىلىق ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.