ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-04 11:07

ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەندىكى خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىنىڭ يەر ئاستىدىن 30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا، دىئامېتىرى 17.5 مېتىر كېلىدىغان «شەنخې» ناملىق قالقان قۇرۇلمىسى قېزىش ماشىنىسى  3-ئاينىڭ 4-كۈنى خۇاڭخې دەرياسى سۇ بۆلىكىگە رەسمىي كىرىپ، دۇنيادىكى دىئامېتىرى ئەڭ چوڭ سۇ ئاستى قالقان قۇرۇلمىسى تونىلى-خۇاڭگاڭ يولىنىڭ خۇاڭخى دەرياسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تونىلىنى قېزىشقا باشلىدى. بۇ تونېل تۈرى تاق تونېللىق قوش قەۋەتلىك قالقان قۇرۇلمىلىق تونېل بولۇپ، قوش يۆنىلىشتە ئالتە ئاپتوموبىل يولى بار، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5755 مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە قالقان قۇرۇلمىلىق بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3290 مېتىر كېلىدۇ.
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ دائىرىسىنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپ، تۈر ئەترىتى يەنە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ قالقان قۇرۇلمىسى ئۈچۈن ئەقلىي ئۈسكۈنە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ھەمدە بۇلۇت ئاقىل سۇپىسى ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلدى.
خۇاڭگاڭ يولىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تونىلى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن، جىنەننىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونى بىلەن كونا-يېڭى قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش باشلىنىش رايونىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللايدۇ.
3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىن سەنشىنىڭ شىنجۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول زىلوشەن 1-نومۇرلۇق تونېلى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، شيۇڭئەن-شىنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى تۇتاشتۇرۇلغان تۇنجى 3000 مېتىردىن يۇقىرى تونېلغا ئايلاندى. بۇ تۈرنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى لى ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تونېل گەۋدىسىنىڭ مۇقىملىقى ناچار، قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىك خەتىرى يۇقىرى ھەم تەشكىللەش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى.
شيۇڭئەن-شىنجۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى بېيجىڭ-كۈنمىڭ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا سەنشىدىكى سائەتلىك سۈرىتى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، سەنشىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ چوڭ يول ئەندىزىسىنى كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
خەينەن ئەركىن سودا پورتىدىكى نۇقتىلىق قاتناش قۇرۇلۇشى-شىيۈندىن بەيشاغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ كونترول قۇرۇلۇشى يىڭگېلىڭ تونىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، خەينەندىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇ تۈردە «تېزلىتىش ئەندىزىسى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 2026-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
نەق مەيداننىڭ تېخنىكا مەسئۇلى لو جياڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تونېل يىڭگېلىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن گېئولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات بېرىش + كۆزىتىش سىستېمىسىنى قوللىنىپ، گېئولوگىيەلىك خەۋپ-خەتەردىن 24 سائەت ئالدىن سىگنال بېرىپ، تونېل قېزىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى

ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.